​بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تىزگىنلەشنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2025-04-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

زۇمرەت ئوبۇل تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تىزگىنلەشنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل بىڭتۇەن 12 - شى ۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، فۇكاڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەتقىق قىلدى.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانات يايدۇرغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىڭتۇەن 12 - شى 104 - تۇەنىنىڭ چارۋىچىلىق ليەنى ۋە ئۈرۈمچى شىچېڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 6 - شۆبە شىركىتىدە، زۇمرەت ئوبۇل پارنىكتىكى گۈل - گىياھلارنىڭ ئۆسۈشى ۋە پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى، پاكىز ئېنېرگىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا قىلىپ، ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان توكقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىنىڭ يېشىل تەرەققىي قىلىش، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش، شەھەر ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شېنخو كاربونچىلىقى، تيەنلۇڭ كانچىلىقى، دېشىن خېڭياڭ يېقىلغۇ گازى، تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى ۋە شەنشى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى جىمىسار توك چىقىرىش شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ مۇھىت قوغداش - تۈزەش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، نەق مەيداندا مۇھىت قوغداش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەكشۈردى، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىت قوغداشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت قوغداشقا دائىر قانۇن - نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش تېخنىكىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيە سارىيىدا، زۇمرەت ئوبۇل ئومۇمىي گەۋدە يىرىك پىلانى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بايلىق، ئېنېرگىيەدىن پاكىز پايدىلىنىش توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئارقىلىق يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نىزامىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشى، رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، تارماقلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، زۇمرەت ئوبۇل فۇكاڭ شەھىرى بوفېڭ كوچا باشقارمىسىدىكى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئەمەلىيەت بازىسى، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قۇرۇلۇشى ھەم رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

پىڭ شىنلەي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.


Baidu
map