ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىدىن قاتنايدۇ! T1, T2, T3 ئاۋىئاتسىيە بىناسى ئىشلىتىلىشتىن ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ

2025-04-09 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   ​ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆزگەرتىش، ئاسراش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتنىڭ T1, T2, T3 ئاۋىياتسىيە بىناسى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشتىن ۋاقتىنچە توختىتىلىدىكەن. شۇ چاغدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت رايونىدىن قاتنايدىكەن.

   يولۇچىلار يول باشلاش سىستېمىسىدىن «ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرۇپورتنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە بېكەت بىناسى»نى تېپىپ بارسا بولىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى


Baidu
map